خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى ئىگىلىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكى، لۇخانسكى، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىنى رۇسىيەگە قوشۇۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىملەرنى ئىمزالىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1887130
خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى ئىگىلىۋېلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ تۆت رايوننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ قوشۇۋېلىش قارارىنى ئەيىبلەپ، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى باشلىقى ئېلۋىرا نابىئۇللىنا قاتارلىق يۈزلىگەن شەخس ۋە ئورگانغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خەلقئارا جەمئىيەتنى رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز قوشۇۋېلىش قەدەملىرىنى رەت قىلىشقا چاقىرىپ، «ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاپ قوشۇمچە 12 مىليارد دوللار بېرىش قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىمەن» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى قانۇنسىز قوشۇۋېلىشىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە قارارنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ: «بىز رۇسىيەنىڭ باھانە سۈپىتىدە ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)نىمۇ، ئۇنىڭ ساختا ۋە قانۇنسىز نەتىجىسىنىمۇ قەتئىي ئېتىراپ قىلمايمىز» دېدى.

ياۋروپا كومىسسىيونى رەئىسى ۋون دېر لېيېن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا  تارقاتقان ئۇچۇرىدا، رۇسىيەنى ئىشغالچى دەپ ئاتىدى ۋە نارازىلىقىنى «قانۇنسىز قوشۇۋېلىنغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇكرائىنانىڭ زېمىنى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى.

خىتاي، ئۇكرائىنادىكى رېفېراندۇمدىن كېيىن كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەپلەرنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئىجابىي رول ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان «ئەيىبلەش لايىھەسى» رۇسىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر