كابۇلدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانى 35 كە يەتتى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر مائارىپ مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن تۈنۈگۈنكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانى 35 كە يەتتى.

1887154
كابۇلدىكى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانى 35 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل ساقچى ئىدارىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، كابۇلدىكى بىر مائارىپ مەركىزىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنى 35 دەپ ئېلان قىلدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.

تۈركىيە بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇق قىلمىشىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا رەھىم – شەپقەت تىلەيمىز، ۋاپات بولغانلارنىڭ تۇغقانلىرى ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىدىن ھال سورايمىز، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر