زېلېنسكىي: رۇسىيەگە قانداق جاۋاب بېرىشنى ياخشى بىلىمىز

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تۋىتتېردا كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرى توغرىسىدا يېڭى بايانات ئېلان قىلدى.

1886767
زېلېنسكىي: رۇسىيەگە قانداق جاۋاب بېرىشنى ياخشى بىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي موسكۋانىڭ ئۆز دۆلىتىدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن رايونلارنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى قارارى ئۈستىدە توختىلىپ: «رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ يېڭى بىر قىسمىنى ئىگەللىمىدى، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىنغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەتكە ئۆزىنى قوشۇۋالدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا قارىتىپ: «پۈتكۈل رۇسىيە جەمئىيىتىنى نورمال ئىقتىسادتىن، تەرتىپلىك تۇرمۇشتىن ۋە بارلىق ئىنسانىي قىممەت قارىشىغا بولغان ھۆرمەتتىن مەھرۇم قىلىش، رۇسىيەدىكى بىر كىشىنىڭ بۇ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ بەدىلى بولىدۇ. بۇنى توختىتىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن، رۇسىيەدە ھاياتتىن بەكرەك ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغانلارنى چوقۇم توختىتىشىڭىز كېرەك» دېدى.

ئۇ مىليونلىغان ئۇكرائىنالىقنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«ئەتە (2022-يىلى 30-سېنتەبىر) بىزنىڭ كۈرىشىمىزنىڭ باشقا بىر كۈنى، زەپەر قۇچىدىغان يولدىكى يەنە بىر كۈن بولىدۇ. ئۇ بىز ئۈچۈن ئالاھىدە بولامدۇ؟ ئۇ بىزنى بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىققا، زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېقىنلاشتۇرىدىغان يەنە بىر كۈن بولىدۇ. رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ يېڭى بىر قىسمىنى ئىگەللىمىدى، بەلكى رۇسىيە دۆلىتىمىزنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلىرىغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەتكە ئۆزىنى قوشۇۋالىدۇ» دېدى.

ئۇ دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، بەزى قارارلارنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيەنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتىگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىمىزنى ياخشى بىلىمىز» دېدى.

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاتالمىش دونېتسك، لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى بېسىۋالغان خېرسون ھەمدە زاپورىژيا رايونلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشى ئۈچۈن بۈگۈن (2022-يىلى 30-سېنتەبىر) مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر