سومالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ساقچى باشلىقى ئۆلدى

سومالىدا موگادىشۇ ساقچى باشلىقى فەرھان مۇھەممەد ئەدەن يولدا كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1886942
سومالىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ساقچى باشلىقى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت مۇگادىشۇنىڭ شىمالىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بالكاد رايونىدا يولغا كۆمۈپ قويۇلغان مىنانىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە،  موگادىشۇ ساقچى باشلىقى فەرھان مۇھەممەد ئەدەن قازا قىلغان.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئەدەن، سومالىنىڭ ئوتتۇرا شابېل رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئەدەننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە سومالى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر