رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى رەسمىي قوشۇۋالدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

1887024
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىنى رەسمىي قوشۇۋالدى
putin
aa_picture_20220930_29032424.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋادا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەگە قوشۇلىدىغان رايونلارنى مۇزاكىرە مۇزاكىرە قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «كىتيېۋ ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا ۋە مۇزاكىرە ئۈستىلىگە كېلىشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئۇ دۇنيا يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئۇكرائىنادىن چىقىرىلغان ئاشلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېتىۋاتىدۇ. ئاشلىقنىڭ %5 ىلا نامرات دۆلەتلەرگە باردى. بۇ ساختپەزلىك ۋە ئالدامچىلىق» دېدى.

ئۇ «1-شىمالىي ئېقىم» ۋە «2-شىمالىي ئېقىم» لىنيەسىنى نىشان قىلغان بۇزغۇنچىلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«غەربكە ئېمبارگولار يەتمىدى، بالتىق دېڭىزىنىڭ ئاستىدىن ئۆتىدىغان شىمالىي ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنيەلىرىدە پارتلاش پەيدا قىلىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«غەرب بۇ چوڭ دۆلەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى، بىز رۇسىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ۋەيران بولمىدۇق. ھەر دائىمقىدەك قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمىز، غەرب جاھانگېرلىكى ئاستىغا چۈشمىدۇق. غەربنىڭ قائىدەلىرى ئىككى يۈزلىمىچىلىكتىن ئىبارەت. مىڭلارچە يىللىق رۇسىيە ھەرگىزمۇ باشقا بىرسىنىڭ ئىرادەسىگە بويۇن ئەگمەيدۇ. بۇنداق مىللەتچىلىك رۇسىيەدە بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، غەربنىڭ رۇسىيە خەلقىگە قارشى فاشىستىك مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۆزلىرى ئۆتمۈشتىكى جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ جىنايەتلىرىنى باشقىلارغا دۆڭگەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر