ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى 8-ئېمبارگوسىنى ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى سودا چەكلىمىلىرى ۋە رۇسىيە نېفىتىنىڭ يۇقىرى باھا چېكىنى بېكىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8-ئېمبارگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1886062
ياۋروپا رۇسىيەگە قارشى 8-ئېمبارگوسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭيېڭى تەكلىپ لايىھەسىنى ئېلان قىلدى.

ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر ئۆتكۈزگەن «ساختا» رېفېراندۇمنى ۋە ئۇكرائىنا زېمىنلىرىنى قوشۇۋېلىشنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، پۇتىننىڭ يادرو تەھدىتى ۋە سەپەرۋەرلىك ئېلانىنىڭ جىددىيچىلىكنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان 8-ئېمبارگو لايىھەسىنى تەييارلىغانلىقلىرىنى، رۇسىيە ئىقتىسادىنى ئاجىزلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن تەكلىپ قىلغان ۋە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك بولغان يېڭى ئېمبارگو لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، بەزى كىشى ۋە ئىدارە-ئورگانلار ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدىكەن. سودا ۋە نېفىت ئىمپورت قىلىشتا بەزى چەكلىمىلەر قويۇلىدىكەن.

بۇ رامكىدا، بەزى رۇسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش چەكلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەپسىلاتى ھازىرچە ئاشكارىلانمىغان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرگۈزۈلمەسلىكى سەۋەبىدىن رۇسىيەنىڭ 7 مىليارد ياۋرو كىرىمدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بەزى مەھسۇلاتلارنى رۇسىيەدە ئېكسپورت قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە تېخنولوگىيەلەرگە ئىگە بولالماسلىقى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئاۋىياتسىيەدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار ۋە خىمىيەلىك ماددىلار بار.

مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېمبارگو لايىھەسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيىتىدە بولۇشى چەكلىنىدۇ.

ئۇرسۇلا فوندېرلېيېن ئېمبارگو لايىھەسىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «رۇسىيە ئۇرۇشنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئېنېرگىيە يېقىلغۇلىرىنى سېتىشتىن قولغا كىرگۈزگەن پۇللاردىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بۇ لايىھەدە، رۇسىيە نېفىتىنىڭ يۇقىرى باھا چېكىنى بېكىتىش قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىنىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شەخسلەر ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ تىزىملىكىنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تىزىملىكنىڭ «ئۇكرا.ىنا زېمىنلىرىنىڭ رۇسىيە تەرىپدىن ئىشغال قىلىنىشىدا ۋە قوشۇۋېلىنىشىدا» ھەسسىسى بولغانلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي مەسئۇللار، قارار چىقارغۇچىلار، بەزى ئولىگارخلار بىلەن تەتۈر تەشۋىقاتچىلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ 300 مىڭ كىشىنى ئەسكەرلىككە چاقىرىپ ئۇرۇشنى ئۇلغايتقانلارغا «بىۋاستە جاۋاب» بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون ۋە زاپورىژيادا «رۇسىيەنىڭ ۋەكىلى» سالاھىيىتىدىكى رۇسىيەلىك مەسئۇللار بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تۆت رايونىدا ساختا رېفېرادۇم ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، مۇداپىئە سانائىتىدىكى بەزى كىشىلەرنىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر