ئامېرىكا تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىختىلاپىدا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيەگە قارىتا ئامېرىكا قوراللىرىنى ئىشلىتىش شەرتلىرى جەھەتتە قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1886151
ئامېرىكا تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىختىلاپىدا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپ ھالدا ئەگە دېڭىزىدىكى ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇرغان ئامېرىكا بىرونېۋىكلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش شەرتلىرىدە ئامېرىكا مەنپەئەتىنىڭ نەزەردە تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنى ئىختىلاپنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان باياناتچى نېد پرايس، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىر - بىرىنىڭ چېگراسىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، رايوننىڭ جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىغان باياناتلارنى بېرىش ۋە ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتچى پرايس <ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قوراللىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالمايدىغانلىقى>نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ئۇلاپلا: «بىز ھەر قانداق بىر قورال بىلەن تەمىنلىگەندە ئۇنىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلىمىز. گىرېتسىيەنىڭ خەلقئارا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشتا ئىشلەتكەن ئامېرىكا قوراللىرىغا ھېچقانداق شەرت قويۇلمىغانمۇ؟» دەپ سورىدى.

باياناتچى پرايس بۇ سوئالغا: «بىز دۇنيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە شېرىكلىرىمىزنى تەمىنلىگەن بىخەتەرلىك ياردىمى ۋە قورال سىستېمىسىنى ھەمىشە يېقىندىن كۆزىتىمىز» دەپ جاۋاب بېرىش بىلەنلا بولدى قىلدى.

بۇنىڭغا قارىتا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: «ئەگەر قورال-ياراغلارنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلەتلەرنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش بولسا، نېمىشقا تۈركلەرگە (ئۇلار رۇسىيەدىن سېتىۋالغان) س-400 لەرنى ئورۇنلاشتۇرماڭلار، دەيسىلەر؟» دەپ سورىدى.

باياناتچى بۇ سوئالغا: «بىز بۇنىڭ بەزى ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق» دەپ جاۋاب بەردى، بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: «ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېيىن سورىلىدىغان لوگىكىلىق سوئال شۇكى: ئامېرىكانىڭ قوراللىرى (گىرېتسىيە تەرىپىدىن كېلىشىملەرگە) خىلاپلىق قىلىشتا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭمۇ تۆلىنىدىغان بەدىلى بولامدۇ؟» دېدى. پرايس بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزىنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئەمما «بەزى چېكىدىن ئاشقان مىساللار» نىڭ بەدىلىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن كۇپايىلەندى.

پرايس، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «ئەگەر ئىشلىتىش شەرتلىرى بىر شېرىكتىن تەلەپ قىلىنىپ، يەنە بىرىدىن تەلەپ قىلىنمىسا، بۇ يەردە قانداق ئۆلچەم بار؟ بۇ شەرتلەرنىڭ ئۆلچەم ياكى قوش ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟» دېگەن سوئالىغا: «بىز قوللانغان ئۆلچەم ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە نېمە ماس كەلسە شۇدۇر» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر