پېسكوۋ: رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن رايونلار رۇسىيەگە تەۋە بولىدۇ

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ، ئۇكرائىنادىكى تالاش – تارتىشلىق رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن رايونلارنىڭ ئەتە ئىمزا مۇراسىمى ئارقىلىق رەسمىي رۇسىيەگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1886363
پېسكوۋ: رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن رايونلار رۇسىيەگە تەۋە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ، ئۇكرائىنادىكى دونېتسىك، لۇھانسك، ھېرسون ۋە زاپورىجيە قاتارلىق رايونلارنىڭ، ئەتە موسكۋا ۋاقتى سائەت 15.00 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىمزا مۇراسىمى ئارقىلىق  رۇسىيەگە تەۋە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك، لۇھاننسك، ھېرسون ۋە زاپورىجيە رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا، رۇسىيەگە تەۋە بولۇش قارارىنى، سايلام ئىشتىراكچىلىرىنىڭ 93 تىن كۆپرەكى  قوللاپ ئاۋاز بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر