بالتىق دېڭىزىدا گاز سىزىش ۋەقەلىرى تۆتكە چىققان

شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى س ۋ ت (SVT) بالتىق دېڭىزىدا رۇسىيەگە تەۋە «1-شىمالىي ئېقىم» ۋە «2-شىمالىي ئېقىم» لىنيەلىرىدە گاز سىزىش ۋەقەلىرىنىڭ تۆتكە چققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

1886421
بالتىق دېڭىزىدا گاز سىزىش ۋەقەلىرى تۆتكە چىققان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:شىۋېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئىدارىسى گاز سىزىش ۋەقەلىرىنىڭ ئىككىسىنىڭ دانىيەدە، ئىككىسىنىڭ شىۋېتسىيە ئەتراپىدا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خايلتېموسسا (Hyltemossa) تەتقىقات پونكىتى گاز سىزىشتىن كېيىن، ھاۋادىكى سەرا گاز سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىنىشچە، دانىيە ۋە شىۋېتسىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە رۇسىيەگە تەۋە «1-شىمالىي ئېقىم» ۋە «2-شىمالىي ئېقىم» تۇرۇبا لىنيەسىدە گاز سىزىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، پاراخوتلارنىڭ «بۇ رايونغا يېقىنلاشماسلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. ھەر ئىككى دۆلەت گاز سىزىشنىڭ تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقە ئەمەس، بەلكى قەستەنلىك بىلەن قىلىنغان ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى بارلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ گاز سىزىشنىڭ قەستەنلىك بىلەن قىلىنغان ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، تاسادىپىي ئەمەس ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر