يېنس ستولتېنبېرگ: ناتو بىلەن رۇسىيە ئۇرۇشۇپ قالسا، ئەھۋال تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ: «ئەگەر بىز رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى رېتورىك خىتابلىرىنى قايتا - قايتا ئاڭلىساق، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

1885528
يېنس ستولتېنبېرگ: ناتو بىلەن رۇسىيە ئۇرۇشۇپ قالسا، ئەھۋال تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېنس ستولتېنبېرگ سوتسىيالىستلار ۋە دېموكراتلار گۇرۇپپىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يىغىنىدىكى سۆزىدە، ناتونىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك <ئۇكرائىنانى قوللاش ۋە توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ۋەزىپىسى> بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ، رۇسىيەنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە «ساختا رېفېراندۇم (ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتى)، يادرو ئالدامچىلىقى، قوراللىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش» قاتارلىق قەدەملەرنى تاشلاش ئارقىلىق توقۇنۇشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ سۆزىمىز شۇكى، يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇنداق قىلىش توقۇنۇشنىڭ ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. رۇسىيە يادرو ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنداق ئۇرۇشنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «پۇتىننىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى رېتورىك خىتابلىرىنى قايتا - قايتا ئاڭلىساق، ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭ رۇسىيەگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە يادرو ئۇرۇشىنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەكلىكى ئۇچۇرىنى روشەن شەكىلدە بىلدۈرىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا بىر خىل جىددىيلەشتۈرۈش ھالىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئۇكرائىنادىن ھالقىغان جىددىيچىلىك بولىدۇ. نۆۋەتتە ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ئۇكرائىنا خەلقى ئۈچۈن ناچار ۋە پاجىئەلىك بىر ئۇرۇش، ئەلۋەتتە. ئەمما ناتو بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تولۇق قوراللانغان ھالەتتىكى بىر ئۇرۇش تېخىمۇ ناچار بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر