رۇسىيە بېسىۋالغان رايونلاردىكى رېفېراندۇملارنىڭ نەتىجىسى چىقتى

ئۇكرائىنادىكى رۇسيەپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئاتالمىش دونېتسك ۋە لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارمىيەسى بېسىۋالغان خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇملاردا «رۇسىيەگە قوشۇلۇش» قارارى چىقتى.

1885435
رۇسىيە بېسىۋالغان رايونلاردىكى رېفېراندۇملارنىڭ نەتىجىسى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى دونباس، خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرىدا 23-سېنتەبىر (2022) رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئۈچۈن باشلانغان رېفېراندۇملار ئاخىرلاشتى.

مەزكۇر رايونلاردىكى ئاتالمىش سايلام كومىتېتلىرىنىڭ ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش لۇخانسك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە، تاشلانغان بېلەتلەر تولۇق سانىلىپ بولغان. رېفېراندۇمغا قاتناشقانلارنىڭ %98.42 ى رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قوللاپ بېلەت تاشلىغان. ئاتالمىش دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتدە بولسا، بېلەتلەرنىڭ %56.85 ى سانالغان ۋە بۇلارنىڭ %94.75 ى رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قوللىغان.

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى خېرسون رايونىدا بېلەتلەر تولۇق سانىلىپ بولغان ۋە بۇلارنىڭ %87.05 ى رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قوللىغان.

زاپورىژيا رايونىدىمۇ بېلەتلەر تولۇق سانىلىپ بولغان ۋە بېلەت تاشلىغانلارنىڭ %93.11 ى رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى قوللىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر