خىتايدا بىر رېستوراندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 17 ئادەم ئۆلدى

خىتايدا بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 3 كىشى يارىلاندى.

1885763
خىتايدا بىر رېستوراندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 17 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىگە جايلاشقان سانائەت رايونىدىكى بىر رېستوراندا، شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 12 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە  ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا ئوت ئۆچۈرۈش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئوت ئاپىتىدە، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3 كىشى يارىلانغان.

يارىلانغانلار دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، رېستوران مەسئۇلى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر