بلىنكېن ۋاشىنگتوننىڭ پاكىستاننىڭ F-16 لىرىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن، ۋاشىنگتوننىڭ، پاكىستاننىڭ قولىدىكى مەۋجۇت F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

1885748
بلىنكېن ۋاشىنگتوننىڭ پاكىستاننىڭ F-16 لىرىنى ئاسراش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاشىنگىتوننىڭ پاكىستانغا يېڭىدىن F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرىنى سېتىشىغا بىلدۈرگەن نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا ھىندىستانلىق مەنسەپدىشى سۇبراخمانيام جايشانكار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بلىنكېن، ھىندىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە ھىندىستانلىق بىر ژۇرنالىستنىڭ <ئامېرىكانىڭ يېڭىدىن F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرىنى پاكىستانغا سېتىپ بەرگەنلىكى> توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ، پاكىستان ئۇزۇندىن بۇيان ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى داۋاملاشتۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى. بۇلار يېڭى ئايروپىلان، سىستېما ياكى قورال ئەمەس. (پاكىستان) ئىگىدارچىلىقىدىكى ئايروپىلانلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىز ھەر بىر دۆلەتكە ساتقان قوراللارنى ئاسراشقا مەسئۇلمىز. پاكىستان پىروگراممىسى رايون ياكى پاكىستاننى مەنبە قىلغان تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. تېررورلۇق تەھدىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلماسلىق ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭلاشقا، پاكىستاننىڭ بۇ ئىقتىدارى ھەممىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پايدىلىقتۇر» دېدى.

ئۇ، دائېش ۋە باشقا ئەلقائىدە شايكلىرىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن بۇ ئايروپىلانلارنى ئاسراشنىڭ پاكىستانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «مېنىڭچە بۇ تەھدىتلەر ئاشكارا بولۇپ، ھەممەيلەن ياخشى بىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئانتونىي بلىنكېن، ۋاشىنگتوننىڭ ئىزچىل ھالدا ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئىختىلاپلىرىنى دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەكلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر