ئۇكرائىنادىن يەنە 9 پاراخوت يولغا چىقتى

ئاشلىق يۆتكەش پائالىيىتى دائىرىسىدە يەنە 9 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىقتى.

1885248
ئۇكرائىنادىن يەنە 9 پاراخوت يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاشلىق يۆتكەش پائالىيىتى دائىرىسىدە يەنە 9 پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىققانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن ئاشلىق يۆتكەش پائالىيىتى بىخەتەر ھالدا داۋاملاشماقتا. بۇ دائىرىدە، 9 پاراخوت، بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىقتى.»

قارادېڭىزدىن بىخەتەر ھالدا ئاشلىق يۆتكەش پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 22 – ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلدىكى «دولماباھچە سارىيى» دىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېسنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن <ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى> ئىمزالانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر