ئەسەبىي يەھۇدىيلار يەنە مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى

ئەسەبىي يەھۇدىيلار ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا بۈگۈن ئەتىگەن يەنە بېسىپ كىردى.

1885075
ئەسەبىي يەھۇدىيلار يەنە مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسەبىي يەھۇدىي كۆچمەنلەر، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەسجىدى ئەقساغا غەربىي دەرۋازىسىدىن بېسىپ كىرگەن.

مەسجىدى ئەقسادا ئىبادەت قىلىۋاتقان پەلەستىنلىكلەر يەھۇدىي كۆچمەنلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىغا تەكبىر ئېيتىش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مەسجىدى ئەقسادا بىر پەلەستىنلىكنى قولغا ئالغان ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى، 40 ياشتىن كىچىك پەلەستىنلىكلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا كىرىشىنى چەكلىگەن.

ئەسەبىي يەھۇدىي كۆچمەنلەر، ئىبرانىي كالېندارى بويىچە يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى بولغان «روش ھاشانا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بولسا بۇ ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەرگە مۇداخىلە قىلغانىدى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى، ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئۇرغان 2 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى، شاھىتلار بولسا، 6 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر