شى جىنپىڭ پۇتىنغا تەزىيە بىلدۈردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنغا ئىجېۋسك شەھىرىدىكى مەكتەپكە قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

1885202
شى جىنپىڭ پۇتىنغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەزىيە تېلېگراممىسىدا، ۋەقەدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى نامىدىن، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىدىن ئېچىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئۇدمۇرتيا رايونىغا جايلاشقان ئىجېۋسك شەھىرىدىكى 88 – مەكتەپ، تۈنۈگۈن نامەلۇم بىر قوراللىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.

ھۇجۇمدا، 7 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 14 بالا بىلەن قوشۇلۇپ 21 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر