رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى سۈرىيەدە پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنى بومباردىمان قىلدى
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاۋاتقان رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كەفەر لۇسىن رايونىدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ھۇجۇمدا 8 پۇقرا يارىلاندى.
1885263
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىبنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىغا جايلاشقان كەفەر لۇسىن رايونىدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنى بومباردىمان قىلدى.
يەرلىك مەنبەلەرنىڭ باياناتىدا، ھۇجۇمدا 8 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئۇلاردىن بىرسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بىر مەكتەپكە يېقىن جايغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى قاتتىق قورقۇنچ پەيدا قىلدى. ھۇجۇم رايونىدىن ئىس - تۈتەكلەر كۆتۈرۈلدى، ئۆسمۈرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ قورقۇپ قېچىشقانلىقى كۆرۈلدى.
يارىلانغانلار، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن خەلق مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى.