ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى بىر بىخەتەرلىك باياننامىسى ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تەكىتلەيدىغان يېڭى بىرلەشمە باياناممە ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1884883
ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى بىر بىخەتەرلىك باياننامىسى ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىناسىدا كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتقا ئاساسلانغاندا، تەرەپلەر رۇسىيەنىڭ 24 - فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ۋە ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن.

باياناتتا، «ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا ھەسسە قوشماقتا. شۇڭلاشقا، بىز ھەمكارلىقىمىزنى ئىلگىرلىتىدىغان يېڭى بىر بىرلەشمە باياننامە ئۈستىدە كېلىشىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېيىلدى.

ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 2016 - ۋە 2018 - يىللىرىمۇ ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر