مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ شىنزۇ ئابىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابېنىڭ پايتەخت توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1885281
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ شىنزۇ ئابىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ توكيودىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ رەسمىي دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى.

چاۋۇشئوغلۇ مۇراسىمغا ئالاقىدار تۋىتتېر ئادرېسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتىم. دوست ياپونىيە خەلقىگە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يەتكۈزدۈم» دېدى.

شىنزۇ ئابى 8 - ئىيۇلدا (2022) نارا شەھىرىدە سايلام نۇتۇقى سۆزلەۋاتقان پەيتتە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر