خىتاي يىراقتىن يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى

خىتاي يىراقتىن بايقاش ئالاھىدىكىگە ئىگە «Yaogan» تۈرلۈك يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى.

1885037
خىتاي يىراقتىن يەرشارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «شىنخۇا» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ياۋگان -36» ناملىق سۈنئىي ھەمراھى «ئۇزۇن سەپەر 2 د» راكېتاسى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

خەۋەردە، سۈنئىي ھەمراھنىڭ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن پىلانلانغان ئوربىتاغا ئورۇنلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، بۇ قېتىمقى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنىڭ «ئۇزۇن سەپەر 2 د» راكېتاسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان 439 - ۋەزىپە بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر