گوللاندىيە: ئۇكرائىناغا ياردەمنى كۆپەيتىمىز

گوللاندىيە ھۆكۈمىتى 24 – فېۋرال بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1885246
گوللاندىيە: ئۇكرائىناغا ياردەمنى كۆپەيتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىناغا ياردەملىرىمىزنى كۆپەيتىمىز. جۈملىدىن، ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ ياردەم بېرىمىز. رۇسىيەگە قارىتا ئېمبارگولارنى تېخىمۇ كۆپەيتىمىز، موسكۋانى تېخىمۇ كۆپ يېتىم قالدۇرىمىز. زېلېنىسكى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، رۇسىيەنىڭ ھەربىي سەپەرۋەرلىكىگە ۋە (ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى) قانۇنسىز رېفېراندۇمغا نارازىلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم  تەكىتلىدىم. ياۋروپانى قوغداش، بىخەتەرلىكىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر