ب د ت رۇسىيەنى نازارەت ئاستىدىكى نامايىشچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلەرنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1885282
ب د ت رۇسىيەنى نازارەت ئاستىدىكى نامايىشچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باياناتچىسى راۋىنا شامداسانى ب د ت جەنۋە ئىشخانىسىنىڭ ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، رۇسىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سەپەرۋەرلىك ئېلانىغا قارشى نامايىشلار توغرىسىدا توختىلىپ، نامايىشلار باشلانغان  21 - سېنتەبىردىن بۇيان 2377 نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، نازارەت ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەقىقىي سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بۇيان داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىمۇ نامايىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن شەمداسانى، پايتەخت ماخاچقەلئەدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، توقۇنۇش جەريانىدا نەچچە ئون كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، تىنچ نامايىش ئۆتكۈزۈش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، دائىرىلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 21-سېنتەبىر ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشقا بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىسمەن سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر