ئىراندىكى نامايىشلار جەريانىدا 20 ياشلىق بىر قىز ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراندىكى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە كەرەج ناھىيەسىدە ھەدىس نەجەفى ئىسىملىك بىر ياش قىز خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ جېنىدىن ئايرىلدى.

1884405
ئىراندىكى نامايىشلار جەريانىدا 20 ياشلىق بىر قىز ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراندا ماھسا ئەمىنىنىڭ «ھىجابلىنىش بەلگىلىمىلىرىگە رېئايە قىلمىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ قاماقخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن باشلىنىپ كەتكەن نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، كەرەج شەھىرىدە  ھەدىس نەجەفى ئىسىملىك بىر ياش قىز خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئوقى تېگىپ جېنىدىن ئايرىلدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ «IranWire» خەۋەرلەر تورى، 21 – سېنتەبىر كەرەج ناھىيەسىدىكى نامايىشتا بەدىنىنىڭ بىر قانچە يېرىگە خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ئوقى تېگىپ يارىلانغان 20 ياشلىق ھەدىس نەجەفىنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەدىس نەجەفىنىڭ سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

13 – سېنتەبىر ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا «ئەخلاق ساقچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان «ئىرشاد چارلاش خادىملىرى» تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن سالامەتىلىكىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ بالنىستقا ئېلىنغان 22 ياشلىق ماھسا ئەمىنىنىڭ 16- سېنتەبىر ھاياتىدىن ئايرىلىشى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.

ئەمىنى 17 – سېنتەبىر يۇرتى ساككىزدا دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن باشلانغان نامايىشلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۆلەتنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىگە كېڭىيىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر