ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە

ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى جەنۇبىي كورېيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى بىلەن يېرىم ئارالدا بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە.

1884586
ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، مانېۋىردا «ئىتتىپاقداشلارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىش ۋە بىرلەشمە دېڭىز ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مانېۋىرغا يادو ئېنېرگىيە بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان ئامېرىكا ئاۋىياماتكاسى «USS Ronald Reagan» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن ئارتۇق ئامېرىكا ۋە كورېيە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

مانېۋىرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2017 - يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ئاۋىياماتكاسى قاتناشقان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى بولغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە تۈنۈگۈن (25-سېنتەبىر) شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزى تەرەپكە قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سىناقنىڭ دەل ئامېرىكا ئاۋىياماتكاسى «USS Ronald Reagan» مانېۋىر ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىگە لەڭگەر تاشلىغان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى دىققەت تارتقان ئىدى.

شىمالىي كورېيە بۇ يىل 8 دانە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقىسى 5 – ئىيۇندا (2022) سىناق قىلىنغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر