ئىراندىكى نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 41 گە يەتتى

ئىراندا 22 ياشلىق ماخسا ئامىنى ئەخلاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن باشلانغان نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 41 گە يەتتى.

1884151
ئىراندىكى نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 41 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تېھراندا 13 - سىنتەبىردە ئەخلاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن ياغلىق ئارتىش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن نازارەتكە ئېلىنغان ماخسا ئامىنى 16 - سىنتەبىردە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، «ئەخلاق ساقچىسىلىرىغا» ۋە «مەجبۇرىي ياغلىق ئارتىش» بەلگىلىمىلىرگە قارشى باشلانغان نامايىش داۋاملاشماقتا.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى نامايىشلاردا ساقچى ۋە ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا تەۋە بېسىك قوراللىق ئەترەتلىرى ئەزاسى بولۇپ جەمئىي 41 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىي باياناتنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تېھران ساقچى تارماقلىرى ئامىنىنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن  قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ساقچىخانىدا ھېچقانداق جىسمانىي چىقىلىش بولماستىن قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر