ئىران ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى كوردلارنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىران «دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن چېگرا رايونلىرىغا قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ۋە قوراللارنى ئەۋەتتى» دەپ ئېيىبلىگەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى كورد تەشكىلاتلىرىنىڭبازىلىرىنى توپقا تۇتتى.

1884089
ئىران ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى كوردلارنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران «دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن چېگرا رايونلىرىغا قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ۋە قوراللارنى ئەۋەتتى» دەپ ئېيىبلىگەن بۆلگۈنچى كومەلە ۋە ئىران كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيىسى (IKDP) تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەركەزلىرىگە زەمبىرەك بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <IRNA> نىڭ ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيىەسىنىڭ باياناتىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان «تېررورلۇق» گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەركىزى ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيىەسىگە تەۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى تەرىپىدىن زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.

خەۋەردە، مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئىران زېمىنىغا سىڭىپ كىرىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر قىسىم چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <فارس> نىڭ خەۋىرىدە بولسا، قوراللىق گۇرۇپپىلار ۋە زور مىقداردىكى قوراللار كومەلە ۋە ئىران كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيەسى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن دۆلەت ئىچىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن چېگرا رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكى، ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ بازىلىرىنى زەمبىرەك بىلەن پاچاقلاپ تاشىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىران تەرىپىدىن «تېرورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلىنغان كومەلە ۋە IKDP تەشكىلاتلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق رايونلاردىكى لاگېرلاردا پاناھلانماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر