ئېلون ماسك ئىران خەلقىنى توسالغۇسىز ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى

ئىراندا خەلقنىڭ ئىنتېرنېتكە ئېرىشىشى چەكلەنگەندىن كېيىن، ئېلون ماسك ئىران خەلقىنى توسالغۇسىز ئىنتېرنېت مۇلازىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت سىستېمىسى «Starlink» نى رەسمى ئىشقا كىرىشتۈردى.

1884138
ئېلون ماسك ئىران خەلقىنى توسالغۇسىز ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئىران خەلقىگە سۇنۇلغان سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بەرگەن ئىجازەتنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئېلون ماسك سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت سىستېمىسى «Starlink» نى رەسمى ئىشقا كىرىشتۈردى.

ئېلون ماسك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېننىڭ بۇ ھەقتىكى تىۋىتتېر يازمىسىغا جاۋاب بېرىپ، «بىز <Starlink> نى  ئىشقا كىرىشتۈردۇق» دېدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىراندىكى ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە مەزكۇر ئومۇمىي ئىجازەتنامىنىڭ ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

باياناتتا ئىراندا ئالدىنقى ھەپتە ماخسا ئەمىنىنىڭ «ياغلىق ئارتىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلدى» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن نامايىشتىن كېيىن، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېتكە چەكلىمە قويغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، ئىران خەلقىگە ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئېقىشىنى ۋە پاكىتنى ئاساس قىلغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنى قوللاش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت سىستېمىسى «Starlink»، ئالەم بوشلۇقنى ئاساس قىلىپ يىللاردىن بۇيان تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «SpaceX» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ دۇنيانىڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى يېتەرسىز رايونلىرىغا تورغا چىقىش قۇلايلىقى يارىتىپ بېرىشنى نىشان قىلىدىغان سىستېما ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئېلون ماسك «SpaceX» ۋە «Starlink» سۇنئىي ھەمراھلىرى ئارقىلىق يەر شارى ئوربىتىسىدا 12 مىڭ سۈنئىي ھەمراھ تورى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا ۋە لايىھەنىڭ 2027 - يىلى تاماملىنىشىنى نىشان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر