شىمالىي كورېيە قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزى تەرەپكە قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1884072
شىمالىي كورېيە قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:53 دە شىمالىي كورېيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى پيوڭگان رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھامادا ياسۇكازۇ 50 كىلومىتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نورمال ئوربىتىدا تەخمىنەن 400 كىلومېتىر يول يۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىر ھامادا ياپونىيە دېڭىزى تەرەپكە قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكى تەخمىن قىلىنغىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھامادا بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان شىمالىي كورېيەنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىمۇ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق رايونغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان قىسمىمۇ بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ (شىمالىي كورېيەنىڭ) قانۇنسىز قورال-ياراغ ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پروگراممىسىنىڭ تەسىرىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى «رونالد رېگان» نىڭ  كېلەر ھەپتە پىلانلانغان دېڭىز ئارمىيەسى مانېۋىرى ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىگە لەڭگەر تاشلىغان پەيتتە بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

شىمالىي كورېيە بۇ يىل ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 5 - ئىيۇندا 8 دانە قىسقا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر