بايدىن: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزىدىغان رېفېراندۇمىنى ئېتىراپ قىلمايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھېچقانداق بىر ئۇكرائىنا زېمىنىنى باشقا بىر دۆلەتنىڭ تېرروتېرىيەسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ۋە رۇسىيەنىڭ رايوندا ئۆتكۈزىدىغان رېفېراندۇمىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1883937
بايدىن: رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۆتكۈزىدىغان رېفېراندۇمىنى ئېتىراپ قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇكرائىنا زېمىنىنى ئۇكرائىنانىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇشنىڭ سىرتىدا ئتىراپ قىلمايدۇ. رۇسىيەنىڭ رېفېراندۇمى كۆز بويامچىلىقتۇر، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ شەكىلدە ئۇكرائىنا زېمىنىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن بىر باھانىدۇر.»

رۇسىيەگە تېخىمۇ ئېغىر ئېمبارگولارنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمراھ دۆلەتلەر بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن بايدىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ساختا رېفېراندۇم نەتىجىسىنى رەت قىلىشتا دۇنيادىكى بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ئورتاق قاراشقا ئىگە.»

ئۇ، ئۇكرائىنا خەلقىگە رۇسىيەنىڭ رايوندىكى ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن بىخەتەرلىك ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا، بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاتالمىش دونېتسك ۋە لۇھانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىدە، ھەمدە زاپورىجيە ۋە ھېرسون رايونلىرىدا رۇسىيەگە تەۋە بولۇش ئۈچۈن پىلانلانغان ۋە تۈنۈگۈن باشلانغان رېفېراندۇم  27 – سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر