7 – گ گۇرۇھى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى رېفېراندۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

7 – گ گۇرۇھى  رۇسىيە تەرەپدارى بۆلگۈنچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاتالمىش دونېتسك ۋە لۇھانسك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىدە، ھەمدە زاپورىجيە ۋە ھېرسون رايونلىرىدا رۇسىيەگە تەۋە بولۇش مەقسىتىدە باشلانغان رېفېراندۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1883969
7 – گ گۇرۇھى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى رېفېراندۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە كانادادىن تەشكىل تاپقان 7 – گ گۇرۇھى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۈچۈن يالغان بىر باھانە ئويدۇرۇپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان رېفېراندۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. دەرۋەقە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى ۋە خەلقئارا قانۇننى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقان بۇ  رېفېراندۇملار، خەلقئارا قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى پىرىنسىپىغىمۇ پۈتۈنلەي  خىلاپتۇر.»

«ئويدۇرما رېفېراندۇملار ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەس. 7 – گ گۇرۇھى ئەللىرى، مەزكۇر رايونلارنىڭ رۇسىيەگە تەۋە بولۇشىنى ئەسلا ئېتىراپ قىلمايدۇ.»

«قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلارچە يادرو باياناتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيەنىڭ مەقسەتلىك جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان قەدەملەرنى تاشلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق دۆلەتلەرنى، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى يېپىش ئۈچۈن يالغان باھانە ئويدۇرۇپ چىقىرىش تەشەببۇسى بولغان بۇ ئويدۇرما رېفېراندۇملىرىنى قەتئىي رەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

«ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش ھەم كېلەچىكىنى تاللاش ئۈچۈن ئېھتىياج بولۇۋاتقان ياردەملەرنى بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە  ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

«ئۇكرائىناغا مالىيە، ئىنسانپەرۋەرلىك، ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە قانۇنىي جەھەتتىن داۋاملىق ياردەم قىلىمىز. 25 – ئۆكتەبىر كۈنى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان <ئۇكرائىنانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇپ چىقىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش> تېمىلىق يىغىنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەتنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قانچىلىك ۋاقىت كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز داۋاملىق ئۇكرائىنا تەرەپتە چىڭ تۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر