نورۋېگىيە رۇسىيە بىلەن ۋىزا كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

نورۋېگىيە 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، 2007-يىلى رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان ۋىزا كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.

1883609
نورۋېگىيە رۇسىيە بىلەن ۋىزا كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «نورۋېگىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلغان ۋىزا ئىشلىرىنى قۇلايلاشتۇرۇش كېلىشىمى، 2022-يىلى 22-سېنتەبىردىن باشلاپ ۋاقىتلىق توختىتىلدى.»

نورۋېگىيەدە دائىمىي ئىستىقامەت قىلىش ئىجازەتنامىسى بار رۇسلارنىڭ بولسا رۇسىيەگە قايتۇرۇلۇشقا دائىر بىر قارارنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.

كېلىشىم، رۇسلارنىڭ، نورۋېگىيەگە كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە 5 يىلغىچە كۈچكە ئىگە كۆپ كىرىشلىك ۋىزا ئىلتىماسىدا بولۇشىغا ئىكانىيەت يارىتىپ بېرەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە پۇقرالىرىغا قارىتا بۇنىڭدىن كېيىن  تېخىمۇ قاتتىق قائىدە-تۈزۈملەر يولغا قويۇلىدىكەن.

ۋىزا ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان رۇسلارنىڭ 45 كۈنگىچە كۈتۈشىگە توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى 35 دوللار بولغان  ۋىزا ھەققى 80 دوللارغا ئۆرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر