زېلېنىسكى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە رۇسىيە بىلەن ئەسىر ئالماشۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ دۆلەتكە قايتۇرۇلغان 215 ئۇكرائىنالىق ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

1883098
زېلېنىسكى ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنىسكى،  ئەسىرئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇكرائىناغا قايتۇرۇلغان ئازوۋ باتالىيونى كوماندىرىلىرى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشتى.

«رۇسىيەنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغان» قوماندانلارنى تەبرىكلىگەن زېلېنىسكى،  رۇسىيە بىلەن ئالماشتۇرۇلغان ئەسىرلەر ئارىسىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ ھەقتە مۇرەسسەچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئۇ، ئالماشتۇرۇلغانلار ئارىسىدىكى 5 ئەسىرنىڭ ئازوۋ باتالىيونىنىڭ 5 ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق تۈركىيەدە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. ئازوۋ باتالىيونىنىڭ 5 قوماندانى ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە كونتروللۇقىدا تۈركىيەدە بىخەتەر ھالدا تۇرىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»

ئۇ يەنە، ئەسىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە رۇسىيەگە 55 ئەسكەرنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قويۇق دىپلوماتىيەسى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 200 ئۇرۇش ئەسىرىنىڭ بۈگۈن ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى تۈركئۆيىدە ژۇرنالىستلار بىلەن ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ، (ئىكىك دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 24 – فېۋرال كۈنى باشلانغان) ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلىشى يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىغا تەشەككۈر ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ باسقۇچتا غەيرەت كۆرسەتكەن بارلىق خىزمەتداشلىرىمغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا  مۇرەسسەچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېگەنىدى: «ئاشلىق كېلىشىمىدىكى رەھبەرلىكىدىن سىرت يەنە، ئۇكرائىنا – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا مۇرەسسەچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر