ئەنگلىيە: تۈركىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جامېس كلېۋېرلىي، دۆلىتىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنى مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1883330
ئەنگلىيە: تۈركىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېيمس كلېۋرېي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 77-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھرىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ 24-فېۋرالدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيەنى مۇرەسسە قىلىش تىرىشچانلىقىغا باھا بېرىپ: «بىز تۈركىيەنىڭ (ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى) قارا دېڭىز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىگە دائىر سۆھبەتلەردە ئوينىغان رولى ۋە مونترۆ ئەھدىنامىسىنى قوغداش يولىدىكى خىزمەتلىرىگە ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە باھا بېرىمىز. ئەمما ئاخىرىدا (ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش) رۇسىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى... تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۆھپىسى بىز ئۈچۈن قىممەتلىك» دېدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بېسىۋالغان بەزى جايلاردىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «سەپەرۋەرلىك خىتابنامىسى ئۇرۇشنىڭ (پۇتىنغا نىسبەتەن) پىلاندىكىدەك بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر