شىمالىي كورېيە ئامېرىكادىن «زۇۋانىنى يىغىش»نى تەلەپ قىلدى

شىمالىي كورېيە، «رۇسىيەگە قورال ئەۋەتكەنلىكى» توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ «ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش» قىلىمىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1883325
شىمالىي كورېيە ئامېرىكادىن «زۇۋانىنى يىغىش»نى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنمىغان بىر مۇداپىئە ئەمەلدارىنىڭ باياناتىغا ئاساسەن تارقاتقان خەۋەرلىرىدە، رۇسىيەگە قورال ئېكسپورت قىلىنمىغانلىقى ۋە بۇنداق بىر پىلاننىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

مەزكۇر ئەمەلدار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن «پەرۋاسىزلارچە بايانات ئېلان قىلىش»نى توختىتىپ، «زۇۋانىنى يىغىش»نى تەلەپ قىلدى.

ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى ئېكسپورت ۋە ئىمپورت قىلىشنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ھەر قانداق دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان شىمالىي كورېيە ئەمەلدارى، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كۈچلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «قانۇنسىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ جازالىرى» نى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «بىز ئەزەلدىن رۇسىيەگە قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئېكسپورت قىلىپ باقمىدۇق، ئېكسپورت قىلىش پىلانىمىزمۇ يوق» دېدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ئىشلىرى دىرېكتورى جون كىربى 7-سېنتەبىر بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەدىن مىليونلارچە راكېتا ۋە زەمبىرەك ئوقى ئالغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەمما بۇ قوراللارنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر