رۇسىيە: ئۇكرائىنا 55 ئەسكىرىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف، رۇسىيە ئارمىيەسى ئاتالمىش دونېتسكى ۋە لۇخانسكى جۇمھۇرىيىتى قىسىملىرىنىڭ 55 ئەسكىرىنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىدە رۇسىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1883327
رۇسىيە: ئۇكرائىنا 55 ئەسكىرىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگور كوناشېنكوف، 24-فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەسكەرلەرنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

كوناشېنكوف، ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى كەسكىن سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن كېچە كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئارمىيەسىنىڭ دونېتسىكى ۋە لۇخەنسكى جۇمھۇرىيىتى قىسىملىرى قارمىقىدىكى 55 ئەسكىرى قايتىپ كەلدى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاتالمىش ​​دونېتسىكى خەلق جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى دېنىس پۇشىلىن، ئەسىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مىللەتچى جەڭچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 215 كىشىنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا رۇسىيەگە تاپشۇرۇپ بەرگەن 55 كىشىنىڭ 50 نەپىرىنىڭ رۇسىيە ئەسكىرى، بەش نەپىرىنىڭ دونباسلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇشىلىن، بۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنادا ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە رەئىسى ۋېكتور مېدۋېدچۇكنىڭمۇ بۇ قېتىمقى ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدە بارلىقىنى قەيت قىلىندى.

مېدۋېدچۇك رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن يېقىنلىقى بىلەن داڭلىق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر