نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىسۋاپ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1883139
نىگېرىيەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىسۋاپ ئەزالىرى، بورنو ئۆلكىسىدە دېھقانلارغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا 11 دېھقان ھاياتىدىن ئايرىلغان، كۆپ ساندا دېھقان يارىلانغان.

تېررورچىلار، ھۇجۇم ئەسناسىدا ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىمۇ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىسۋاپ، يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىگە قارىماي، نىگېرىيەدە ھازىرمۇ جىددىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى تەشكىل قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر