ماكى سال: ئافرىقا يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ مەركىزىي بولۇشنى خالىمايدۇ

ئافرىقا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسى ۋە سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكى سال قىتئەدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە دۇنيانىڭ قوللىشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

1882642
ماكى سال: ئافرىقا يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ مەركىزىي بولۇشنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسى ۋە سېنېگال پىرېزىدېنتى ماكى سال نىيۇ يوركتا داۋاملىشىۋاتقان 77-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ ئافرىقادا بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تېررورلۇق مەسىلىلىرىنىڭ پەقەت ئافرىقا قىتئەسىنىڭ مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئافرىقانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىكىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، كېڭەشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مېخانىزملار ئارقىلىق ئافرىقادىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى قوللاشقا تەكلىپ قىلدى.

ئۇ ب د ت نىڭ دەۋرنىڭ روھىغا ۋە ئېھتىياجلىرىغا ماس كېلىدىغان باشقۇرۇش شەكلىدىن پايدىلىنىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىچىدىن ئورۇن ئېلىش تەلىپىنى قوللاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، ئافرىقادىكى 1.5 مىليارد كىشىنىڭ ھاياتىغا تەسىر قارارلار ئېلىنىدىغان «G20» دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدىمۇ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ بولۇشى تەلىپىنىمۇ يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆرسىتىپ، دۇنيانى ئەڭ ئاز بۇلغىغان ۋە سانائەتلىشىشتە ئارقىدا قالغان ئافرىقانىڭ بۇ بوشلۇقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن فوسىل يېقىلغۇلارغا ئوخشاش تەبىئىي ئېنېرگىيە مەنبەلەردىن پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن ئادىل ھەمدە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئافرىقانىڭ بارلىق شېرىكلىرى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتتە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئافرىقا ئۆز تارىخىنىڭ يۈكىنى بىلەن يېتەرلىك دەرىجىدە ئۈستىگە ئالدى. شۇڭلاشقا، ھازىر يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ مەركىزى بولۇشنى خالىمايدۇ. ئافرىقا ئەمدى شېرىكلىرىنى ئۈچۈن مۇقىملىق ۋە پۇرسەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر