كېئېگان: پۇتىننىڭ تەھدىتلىرىگە ئەستايىدىل قارىشىمىز كېرەك

ئەنگلىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىللىيان كېئېگان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىشىنىڭ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1882732
كېئېگان: پۇتىننىڭ تەھدىتلىرىگە ئەستايىدىل قارىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىللىيان كېئېگان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىك ئېلان قىلىشىنىڭ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇتىننىڭ بۇ تەھدىتلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1939-1945)دىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ھەربىي سەپەرۋەرلىكىنى ئېلان قىلغان پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، غەرب يادرو قورالى پۇرسەتپەرەسلىكىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، موسكۋا پۈتۈن كۈچى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېئېگان «Sky News» قانىلىغا بايانات بېرىپ: «راستىنى دېگەندە، بۇ بىزنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىل قارىشىمىزغا تېگىشلىك بىر ئىش. چۈنكى، سىلەرگىمۇ مەلۇم، كونتروللۇق بىزنىڭ قولىمىزدا ئەمەس، پۇتىننىڭمۇ ئۆزىنى تىزگىنلەپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن. روشەنكى، بۇ يىرىكچىلىكنىڭ ئۇلغىيىشىدۇر» دېدى.

كېئېگان BBC گە بەرگەن يەنە بىر باياناتى جەريانىدا: «شۈركىنەرلىك بىر ئىش. بۇ ئىلگىرىمۇ سېلىنغان ئېغىر بىر تەھدىت» دېدى.

پۇتىن ئۆزى ئېلان قىلغان قىسمەن ھەربىي سەپەرۋەرلىكنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونباس سانائەت رايونىنى «ئازاد قىلىش» ئىكەنلىكىنى، بۇ رايوندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «ئۇكرائىنانىڭ بويۇنتۇرۇقى» ماھىيىتىدىكى ھالەتكە قايتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر