ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش قارارىنى ئۆكتەبىردە چىقىرىشىمىز مۇمكىن

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوزېف بورېل ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش قارارىنى ئۆكتەبىر ئېيىدا چىقىرىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1882136
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش قارارىنى ئۆكتەبىردە چىقىرىشىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 77 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بورېل، ژۇرنالىستلارغا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار باياناتلارنى بەردى.

ئۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، «ئۇكرائىنادىن ئېكسپورت قىلىنغان ئاشلىقنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋالارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنادىن ئېكىسپورت قىلىنغان ئاشلىقنىڭ كۆپ قىسمى ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە كەتتى. سانلىق ۋە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى كۆزدىن كەچۈرسەڭلار بولىدۇ. ئۇكرائىنادىن ئېكىسپورت قىلىنغان ئاشلىقنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىياغا كەتتى.»

بورېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش قارارى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئۆكتەبىر ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بۇ ھەقتە قارار چىقىرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆكتەبىر ئېيىدا چاقىرىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا بىر تەكلىپ سۇنۇشىمىز مۇمكىن. بۇ ناھايىتى تېز نەتىجىلىنىدىغان بىر جەريان بولىدۇ.»

ئۇ، ئۇكرائىناغا قىلىنىدىغان ھەربىي ياردەمنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر