ئىراندا «SU-22» تىپلىق ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

ئىراننىڭ ھۈرمۈزگان ئىشتاتىدا ئىنقلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ «SU-22» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1881538
ئىراندا «SU-22» تىپلىق ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئىنقلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ھاۋا ئارمىيە قىسمىنىڭ «SU-22» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلىدىن چۈشۈپ كەتتى.

ئىران ئىرنا (İRNA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىنقلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ھاۋا ئارمىيە قىسمى بايانات ئېلان قىلىپ، «SU-22» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا تېخنىكىلىق كاشىلا پەيدا بولغانلىقىنى، ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلاننى تۇرالغۇ رايوننىڭ سىرتىغا ھەيدىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قەيت قىلىنىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن، ئۇچقۇچى بىخەتەر قۇتۇلغان ۋە ۋەقەدە ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر