ئىتالىيەدە يۈز بەرگەن كۈلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

ئىتالىيەنىڭ ئانكونا شەھىرى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتتى.

1881127
ئىتالىيەدە يۈز بەرگەن كۈلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانكونا ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۈلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 10 غا يەتكەنلىكى، يوقاپ كەتكەن 3 ئادەمنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باش مىنىستىر مارىيو دىراگىمۇ، تۈنۈگۈن كەچتە رايوندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئوستراغا بېرىپ، دائىرىلەردىن ئۇچۇر  ئىگىلىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئانكونا تەپتىش مەھكىمىسى، كۈلكۈن ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن، مەقسەتسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە سەۋەنلىك قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.

مارچى رايونلۇق ھۆكۈمىتىمۇ، كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن رايون مىقياسىدا ئىككى كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر