شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» ئىمزالاندى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە چاقىرىلغان 22 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» ئىمزالاندى.

1880973
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە بەرپا قىلىنغان «يېپەك يولى سەمەرقەنت» خەلقئارا ساياھەت رايونىدىكى يىغىن زالىدا، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋنىڭ ساھىبخانىلىقىدا چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى.

باشلىقلار يىغىنىغا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف، ھىندىستان باش مىنىستىرى ناراندرا مودى؛ كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى ئۇقنائاگىن قۇرېلسۇق، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى؛ تەكلىپكە بىنائەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ قاتناشتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرى «سەمەرقەنت خىتابنامىسى» نى ئىمزالىدى.

خىتابنامىدە، رەھبەرلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا قاراشلىق ئەمەسلىكىنى دەلىللىدى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەتلەرنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئىشىكلىرىنىڭ ھەمكارلىققا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

رەھبەرلەر يەنە، ئىقتىسادىي رېئاللىقنى نەزەردە تۇتۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ زورايتىلىشى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا ئىسلاھات ئېلىپ  بېرىلىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

خىتابنامىدە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك تەرەپدارى تەشكىلاتلارنىڭ بىر تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇشنى خالايدىغانلىقىنى بايان قىلغان رەھبەرلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ،  تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشكە قارىتا «تىنچلىقنى قوغداش ۋەزىپىسى» دائىرىسىدە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

يەر شارىۋى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىلىرىنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى ئەيىبلىگەن رەھبەرلەر، بۇنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىمىيەلىك قوراللارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىلىشى، زاپاس ساقلىنشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى چەكلەش ۋە بۇلارنىڭ يوق قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىگە رىئايە قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغان رەھبەرلەر، ئالەم بوشلۇقىنىڭ قورال – ياراغلاردىن  خالىي قىلىنىش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى، ھەمدە ئالەم بوشلۇقىدا قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ چەكلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان خەلقئارالىق ۋە قانۇنىي كۈچكە ئىگە بىر ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان رەھبەرلەر، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رەھبەرلەر، ئافغانىستاندا بارلىق ئېتنىك، دىنىي ۋە سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كەڭ دائىرىلىك بىر ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى قەيت قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياخشى نىيەتلىك ئەلچىسى» دېگەن نامنى تەستىقلىغان رەھبەرلەر، 2023-يىلىنى «ساياھەت يىلى» ئېلان قىلدى.

بۇ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ھىندىستانغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، كېلەر قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، 2023-يىلى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا، ئەزا دۆلەتلەر، ئۇزاق مەزگىللىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى يولغا قويۇشنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت پىلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 40 ھۆججەتكە ئىمزا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر