ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت مەخپىي مەكتۇبىدا نېمىلەرنى يازغان؟

8-سېنتەبىر (2022) ئالەمدىن ئۆتكەن ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2-ئېلىزابېتنىڭ ئاۋستىرالىيەدە يازغان ۋە 2085-يىلدا ئوقۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان بىر مەكتۇبىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

1880274
ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت مەخپىي مەكتۇبىدا نېمىلەرنى يازغان؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:70 يىل تەختتە ئولتۇرغان ۋە 96 يېشىدا شوتلاندىيەدىكى بالمورال قەلئەسىدە دەم ئېلىۋاتقاندا ئالەمدىن ئۆتكەن ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت 1986-يىلى ئاۋستىرالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە يازغان مەكتۇپ ئۈستىدە مۇنازىرە قوزغالدى.

ئايال پادىشاھنىڭ سىدنېيدىكى پادىشاھ ۋىكتورىيە بىناسىنىڭ رېمونت قىلىنىشىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يازغان مەكتۇبىنىڭ 2085-يىلىغىچە ئېچىلمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، 2-ئېلىزابېت مەكتۇبىنى سىدنېي شەھەر باشلىقىغا ئەۋەتكەن.

مەكتۇپتا، شەھەر باشلىقىغا يوليورۇقلار بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ «ئاۋستىرالىيە-سىدنېينىڭ ئادىل ۋە ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقىغا» دەپ باشلانغان مەخپىي مەكتۇبى توغرىسىدا شەھەر باشلىقىغا: «2085-يىلى سىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىر كۈندە، ئۇشبۇ كونۋىرتنى ئېچىپ مەزمۇنىنى سىدنېي پۇقرالىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

2-ئېلىزابېتنىڭ يۇقىرىدىكى تەلىپى قوبۇل قىلىنغان، ئەمما نېمە يازغانلىقى ھازىرغىچە مەخپىي بولۇپ كەلمەكتە.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ئايال پادىشاھنىڭ مەكتۇپتا سىدنېي پۇقرالىرىغا تارىخىي بىنانى رېمونت قىلىپ ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر