ئابىي ئەھمەد «يەرشارىۋى ئىسلامىي پۇل – مۇئامىلە مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى
ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد «يەرشارىۋى ئىسلامىي پۇل – مۇئامىلە مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى.
1880481

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد، جىبۇتىدا چاقىرىلغان «يەرشارىۋى ئىسلامىي پۇل – مۇئامىلە» باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
باشلىقلار يىغىنىدا، ئېفىيوپىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنى ياخشىلاش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرى ئۈچۈن، باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەدكە «يەرشارىۋى ئىسلامىي پۇل-مۇئامىلە مۇكاپاتى» تەقدىم قىلىندى.
باش مىنىستىر ئەھمەد، مۇكاپات تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئۆزىنى تولىمۇ شەرەپلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.