ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا، 1 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا، پەلەستىنلىكلەر بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 1 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1879673
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا، 1 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىدا، يېرىم كېچىدە جەنىن شەھىرىگە قاراشلىق ئەل جىلمە تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىن چېگرا رايونىدا، پەلەستىنلىكلەر بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن 1 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىلگىرى  يەنە شۇ رايوندا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئاتقان ئوقتا 2 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى نازارەتكە ئالماقچى بولغان ئىككى پەلەستىنلىكنىڭ ئەسكەرلەرگە قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، گۇماندارلارنىڭ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن «قايتارما ئوق چىقىرىش نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى»  بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇسقا داۋاملىق دېگۈدەك بېسىپ كىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىسرائىلىيە قىسىملىرى پەلەستىنلىكلەرنى تۈرلۈك ئەيىبلەشلەر بىلەن نازارەتكە ئېلىپ كەلمەكتە. بۇ ۋەجىدىن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىن ئاھالىلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەر يۈز بېرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر