فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ھازىرغىچە 3 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يېشىللىق كۈلگە ئايلاندى

فىرانسىيەنىڭ گىروندې ئۆلكىسىدە داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە، ھازىرغىچە 3 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يېشىللىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

1879620
فىرانسىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە ھازىرغىچە 3 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق يېشىللىق كۈلگە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىروندې ۋالىيسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە 3200 گېكتار يېشىللىقنىڭ كۈلگە ئايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ھازىرغا قەدەر رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان كىشىلەر سانىنىڭ 840 قا يەتكەنلىكى ۋە ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر سانىنىڭ 900 دىن ئاشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

گىروندې ئۆلكىسىدىكى سامۇس ئورمىنىغا يېقىن جايدا 12 – سېنتەبىردە (2022) يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 4 ئۆي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ  قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر