سۈرىيەدە خولېرا كېسىلى تارقىلىشقا باشلىدى
سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ۋە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا ئونلىغان كىشىدە خولېرا كېسىلى بايقالدى ۋە 3 كىشى بۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلدى.
1879089
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تورلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دەير ئەززور ۋە راققە ۋىلايەتلىرىدە شۇنداقلا بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا نۇرغۇن كىشىدە خولېرا كېسىلى بايقالغان ۋە 3 كىشى بۇ كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان.
ھەلەبتىمۇ كەم دېگەندە 15 كىشىدە خولېرا كېسىلى بايقالغان.
پايتەخت دەمەشىقتە خولېران كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تېزلەشتۈرۈلگەن.