ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىدا قىسمەن پارچىلىنىپ خەۋپ ياراتماقتا

ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھى شەنبە كۈنى ئوربىتىدا قىسمەن پارچىلىنىپ، يەرشارىنى ئايلىنىۋاتقان باشقا ئالەم كېمىلىرىگە خەۋپ يارىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1878795
ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىدا قىسمەن پارچىلىنىپ خەۋپ ياراتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى موسكۋادا تۇرۇشلۇق رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تەۋە كېلدىش قوللىنىشچان ماتېماتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ، ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ھەمراھ مۇلازىمەت شىركىتى «Intelsat» نىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئامېرىكا جۇغراپىيەلىك خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى <Galaxy 11>  ئىكەن.

بۇ سۈنئىي ھەمراھ 1999 - يىلى <Intelsat 802> سۈنئىي ھەمراھىنىڭ قوشۇمچىسى سۈپىتىدە قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر تېلېسكوپلارنىڭ <Galaxy 11> دىن ئايرىلغان ۋە ھازىر ئوربىتىدىكى باشقا سۈنئىي ھەمراھلارغا يوشۇرۇن تەھدىت بولۇۋاتقان بىر قانچە كىچىك رازمېرلىق پارچىلارنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كېلدىش ئىنستىتۇتى سۈنئىي ھەمراھنىڭ پارچىلىنىشىنىڭ كونكرېت سەۋەبىنىڭ  ھازىرچە ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش، قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسى ياكى باشقا ئۈسكۈنىلەرنىڭ كونىراپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر