پورتۇگالىيە رۇسلارغا «ئالتۇن ۋىزا» بېرىشنى توختاتتى
پورتۇگالىيە، رۇسىيە پۇقراسى 10 كىشىنىڭ مەبلەغ سېلىش بەدىلىگە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان «ئالتۇن ۋىزا» ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.
1878659
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پورتۇگالىيە «ئاممىباب» گېزىتى، پورتۇگالىيەنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 24-فېۋرالدىن بۇيان ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان موسكۋاغا يۈرگۈزگەن جازاسى دائىرىسىدە، رۇسلارغا ئالتۇن ۋىزا بېرىشنى پۈتۈنلەي چەكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
پورتۇگالىيە 2022-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان 431 رۇسىيە پۇقراسىغا «ئالتۇن ۋىزا» بەرگەنىدى.