كالىفورنىيەدە 16 مىڭ 500 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان كۆيۈپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى پلېيسېر (Placer) ۋە ئېل دورادو (El Dorado) شەھەرلىرى ئەتراپىدا 6-سېنتەبىردە (2022) باشلانغان ئوت ئاپىتىدە، 16 مىڭ 500 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان كۆيۈپ كەتتى، رايوندا 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1878712
كالىفورنىيەدە 16 مىڭ 500 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان كۆيۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان پلېيسېر شەھىرىگە قاراشلىق ئوكسبوۋ (Oxbow) ئويمانلىقىغا تۇتىشىدىغان موسكىتو يولىدا 6-سېنتەبىر باشلانغان ئوت ئاپىتى داۋام قىلماقتا.

پلېيسېر ۋە ئېل دورادو شەھەرلىرىگە قاراشلىق تۇرالغۇ رايونلارغا تەسىر قىلغان ئوت ئاپىتىدە، 16 مىڭ 500 گېكتاردىن ئارتۇق ئورمان كۈلگە ئايلاندى. 6 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقى ۋە 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

كالىفورنىيە ئورمان ئوت ئاپەتلىرى ئاگېنتلىقى ھازىرغىچە ئاپەتنىڭ پەقەت %10ىنىڭ كونترول قىلىغانلىقىنى، ئاپەتنىڭ ئەتراپتىكى باشقا شەھەرلەرگىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر